تاۋار ماركىسىنىڭ ۋاقتى توشاي دەپ قالدى لېكىن شىركەت تىزىمدىن ئۆچۈرۈلگەن بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟

阅读:81 2024-06-24 12:21:05

تاۋار ماركىسىنىڭ ۋاقتى توشاي دەپ قالدى لېكىن شىركەت تىزىمدىن ئۆچۈرۈلگەن  بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟

شىركەت رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەن، تىجارەت كىنىشكىسى ۋە تامغىسى كۈچتىن قالغان بولغاچقا، كارخانا تەمىنلىگەن تەقدىردىمۇ، ئىلتىماس ۋە ھاۋالىنامىگە تامغا بېسىشقا توغرا كىلىدۇ، تامغا بېسىپ. يوللانغان ئەھۋالدىن كىيىنمۇ تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تەكشۈرگەندىن كېيىن، شىركەتنىڭ توردىن تەكشۈرۈلگەن ھالىتى « رويخەتتىن ئۆچۈرۈش » ھالىتىدە بولسا، شىركەت رويىخەتتىن ئۆچۈرۈلگەنلىك سەۋەبىدىن تولۇقلاش ئۇقتۇرۇشى چۈشۈرۈلىدۇ ياكى قوبۇل قىلماسلىق ئۇقتۇرۇشى چۈشۈرۈلىدۇ، ئىلگىرى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللار يۈز بەرگەچكە، بىۋاسىتە بېجىرىشكە بولمايدۇ.

ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا تاۋار ماركىسى ھوقۇقىنى ئوڭۇشلۇق ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ؟

  1. 1. ئالدى بىلەن ئۆتۈنۈپ بېرىش رەسمىيىتى بېجىرىلىدۇ، يېڭى شىركەت ياكى شەخسنىڭ نامىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئاندىن يېڭى شىركەت ياكى شەخسنىڭ نامىدا داۋاملىق ئىشلىتىش ئىلتىماسى بېجىرىلىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە ماتېرىياللار ئېنىق، ئېنىق بولىدۇ، تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈشتە مەسىلە چوڭ بولمايدۇ، ئۆتۈنۈپ بىرىش رەسمىيتىنى تىزىمغا ئالدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋاقتى ئادەتتە 4-6 ئاي بولىدۇ، ئۇزارتىش ۋاقتى ئادەتتە بىر ئاي بولىدۇ، يەنى قەرەلى توشۇشتىن ئالتە-يەتتە ئاي بۇرۇن بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشقا ماس كېلىدۇ، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتمەيدۇ

ئەگەر بەك جىددىي بولۇپ، ۋاقتى توشاي دەپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە داۋاملىق ئىشلىتىشنى بىرلا ۋاقىتتا تاپشۇرۇش كېرەك. مەسىلەن، بۈگۈن ئۆتۈنۈپ بېرىشكە، ئەتە داۋاملىق ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇش، ئەگەر داۋاملىق ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، تولۇقلاپ، مۇناسىپ ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇش كېرەك.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان داۋاملىق ئىشلىتىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىشتە تەمىنلىمەكچى بولغان ھۆججەت، ۋاقىت، خىراجەت، تەرتىپ قاتارلىقلارغا پىششىق بولغان مول تەجىربىلىك تاۋار ماركا ۋاستىچىلىك شىركىتىنى ئىزلەپ ھاۋالە قىلىش كىرەك؛

ئەگەر شىركەت رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن دەرھال تاۋار ماركىسى مەسىلىسىنى ئويلىمىغاندا، تاۋار ماركىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتەي دەپ قالغاندا ياكى ۋاقتى توشقاندىن كېيىن ئەس يادىڭىزغا كىلىپ، تاۋار ماركىسىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىڭىز ئىسىڭىزگە كىلىپ ئىش باشلىسىڭىز كىچىكىپ قىلىشى، ماركىڭىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

شۇڭا تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىش كېرەك، شىركەتتە ئۆزگىرىش بولسىلا، تېزدىن ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ مۇھىم، ئۆزىنىڭ ماركىسىغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ تۇرىشىڭىز ياكى مول تەجىربىلىك ۋاكالەتچىلىك شىركەتلىرىگە ھاۋالە قىسىڭىز. بۇلىدۇ.

 

相关文章
{{ v.title }}
{{ v.description||(cleanHtml(v.content)).substr(0,100)+'···' }}
你可能感兴趣
推荐阅读 更多>
推荐商标

{{ v.name }}

{{ v.cls }}类

立即购买 联系客服